#ئىسلام

MOST RECENT

A small Ramadan gift to my followers.
ماڭا ئەگەشكەن دۇستلارغا كىچىككىنە رامىزانلىق سوۋغات.
#flower #flowers #rose #roses #ramadan #ramadan2018 #gift #uyghurs #eastturkistan #islam #muslims #tarawee #taraweeh #salaat #nasheed #mountains #rock #trees
#رامىزان #ئىسلام #ئۇيغۇر #شەرقىي_تۈركىستان

دېموكراتسىيە، تېئوكراتسىيە، مونارخىيە ۋە باشقا باشقۇرۇش شەكىللىرىگە ئوخشاش باشقۇرۇش شەكىللىرىدىن بىرىدۇر. كومىنىزىم بولسا، ڧىئودالىزىم، سوتسىيالىزىم، كاپىتالىزىم قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسات سىستېمىسىدۇر.قارىماققا كومىنىزم بىلەن دېموكراتسىيەنى بىر يەرگە ئېلىپ كېلىش غەلىتە كۆرۈنسىمۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ غەرىپ ئىدىئولوەىيىسى ئىكەنلىكى ئېنىق. 1922 يىلى سوۋىت ئىتپاقى قۇرۇلۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ زامنىغا كەلگەندە، شۇ چاغدىكى خەلىققە قىلىنۋاتقان زۇلۇم،ئۇلارنىڭ سوۋىتتىكى ھاياتى ۋە بىرىنچى-ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى ئۇلارنىڭ كومىنىزىمغا بولغان قارىشىنى ئىجابى ھالدا ساقلاپ قېلىشىغا تۈركە بولغان؛ ھازىرمۇ بىر قىسىم زىيالىلىرىمىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆرۈۋاتقان زۇلۇمىنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ غەرىپتىكى ھاياتىنىڭ، ئەڭ مۇھىمى دۇنياغا ھاكىم بولغان كۈچنىڭ*(ئۇچۇق ۋە يۇشۇرۇن) تەسىرىگە ئوچرىماقتا. بۇ ھەر بىر مۇھاجىر ئۇيغۇرنىڭ ئويلاپ بېقىشىغا تىگىشلىك نوتىلاردىن بىرى دەپ ئويلايمەن.
1ئەينى ۋاقىتتىكى خەلىق نەزىرىدىكى ئەخماتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى
2تارىخ سۈزگۈچىدىن ئوتگەندىن كىيىن بىز كۆرۈۋاتقان ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا قارىشىنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكى
3ھازىر بىزنىڭ كۆزىمىزدىكى رەھبەر ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى
4ئەۋلادلىرىمىز كۆرىدىغان تارىخى سۈزگۈچىدىن ئۈتىدىغان ئۇيغۇرلار ۋە توغرا خاتالىقى
تاللاش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىنىڭ قۇلىدا ‏#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #fikir #mantık #çelişkigiderme

دۇنياغا ھاكىم كۈچلەرنىڭ مەدىنيىتىگە قانچىلىك دەرىجىدە تەسلىم بولغانلىقىڭىزنى ھېچ ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
بەلكىم بۇ ئۇزۇن يىللار بويى ياشاپ كەلگەن خىتاي مەدىنىيىتى بولىشى مۇمكىن؛ ياكى سىز ھازىر ياشاۋاتقان تۈركىيە، ياۋرۇپا، ئامىركا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەدىنيىتى بولىشمى مۇمكىن؛ۋە ياكى سىز ياشىمىغان بولسىىڭىزىمۇ ھەيران قالغان بىر ھاكىم مەدەنىيەت بولىشى مۇمكىن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ڧىزىكىلىق جەھەتتە قۇللۇقتىن قۇتۇلغان بىلەن، نۇرغان قېرىنداشلىرىمىز پىكرى جەھەتتە باشقا بىر كۈچكە قۇل بولۇپ ياشىماقتا، بىر قۇللۇقتىن يەنە بىر قۇللۇققا قاراپ يۈزلەنمەكتە. توغرا بولغىنى كىملىكىنى تۇنۇغان ئاساستا، كۈچلۈك مەدىنيەتنىڭ قارشىسىدىمۇ ئۆز مەدىنيىتىنى قوغداپ قېلىش، ھەرگىزمۇ تەسلىم بولغان مەدىنيىتىڭىزنىڭ قائىدىسى بويىچە ئۆزىڭىزنى مەدىنيەتلىك كۆرسىتىشكە تىرىشىش ئەمەس ئىدى. ھازىر دۇنيادا ماددى جەھەتتىن ئىسلام كۈچلۈك بولغان بولسا ئىدى، شۇ تاپتا غەرىپلىشىش، غەرپ ئۇيۇن قائىدىسى بويىچە ئۆز ھوقوقىنى ئىزدەش، غەرىپ قىممەت قارىشى بويىچە ئۆز كىملىكىنى باھالاش قاتارلىقلارنى تەرغىپ قىلىۋاتقان چەكتىن ئاشقان "تەرەققىياتچىلار" ئىسلاملىشىش، شەرىئەت بويىچە ياشاش، ئىسلام قىممەت قاراشلىرى بىلەن دۇنياغا قاراشقا يۈزلەنگەن بولاتتى. چۈنكى ئۇلارنى قىلىدىغىنى ئۆز مەدىنيىتىنى قوغداش نامىدا كۈچلۈكنىڭ قوينىغا ئۆزنى ئېتىش، بىر قۇللۇقتىن يەنە بىر قۇللۇققا تەرەققى قىلىشتۇر. خەنزۇۋانلار قانچە قىلسىمۇ خىتاي بىلەن ئوخشاش بۇلالمىغانغا ئوخشاش، سىز قانچىلىك تەسلىم بولۇپ، كۈچلۈك مەدىنيەتكە تەسلىم بولۇپ ئۆزگەرسىڭىزمۇ، بىزنىمۇ سىلەرگە ئوخشاش كۆرۈڭلار دەپ يېلىنسىڭىزمۇ ئۇلاردەك بولاممايسىز. ‏#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #fikir #mantık #çelişkigiderme

بالدۇر ئويغانغان ئادەم- شەھىت ئابدۇخالىق ئۇيغۇر. بۇ قېتىم ئوقۇغاندا باشقىچە ھىسلار، دىققىتىمنى تاتقان نوقتىلاردىن بىرى شائىرنىڭ مەرىپەت ئىشلىرى ئۈچۈن قىلغانلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكىلەرنىڭ مەرىپەت بايرىقى بىلەن قىلىۋاتقانلىرىنىڭ پەرقى بولدى. ‏#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur

باشقىلار قۇرغان سىستېمىنىڭ ئىچىدە رول ئوينايدىغان بىرىنىڭ سىستېما قۇرغۇچىسىنى يېڭەلىشى بىر سىستېما خاتالىقىدۇر. سىستېمىنىڭ مۇكەممەل ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنسىڭىز، ھەم ئۇ سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز بۇ يەدە بىر زىددىيەت ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
<خاككىر ئىمپىريەسى>دەيدىغان بىر ڧىلىم بولىدىغان. باش قەھرىمان ئۆزى رول ئويناۋاتقان سىستېمنىڭ ئىچىدىن ھالقىپ چىقىشنى ئويلايدىغان ھەم ئاخىرىدا غەلبە قىلىدىغان بىر ۋەقەلىك ئىدى. باش قەھرىمان سىستېمدىكى بىر خاتالىق ئىدى، نورمال ئىنسانلار سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلالمايتتى. <سوڧىنىڭ دۇنياسى>دىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان ۋەقەلىك يېزىلغان. يېزىلغان بىر رولچىنىڭ يازغۇچىنىڭ ئىرادىسىنىڭ سىرتتىغا چىقىش غايىسى يېزىلغان. بىر ئىقتىساتچى Adam Smith نىڭ قۇرغان سىستېملىرىغا ھەيران قېلىپ، ئۇنى ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىمەن دىيىشى سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر، چۈنكى ئۇ سىستېمىنىڭ قۇرۇلىشىدا ئىسلام چىقىش نوقتىسى قىلىنمىغان، ھەتتا ئىسلامغا زىيان سېلىش چىقىش نوقتىسى قىلىغان بولىشىمۇ مۇمكىن؛ ھازىرقى دۇنيادىكى سىياسەت قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ، دېمكراتىيەدىن، ئىنسان ھەقىرىلىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشمۇ ئوخشاشلا بىر سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر، چۈنكى ماتىريالىستلىشىپ كەتكەن زالىملار ئۈچۈن دېموكراتىيە، ئىنسان ھوقوقلىرى دىگەنلەرنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىقتىسادى مەنپەئەتتۇر؛ ھازىرقى دۇنيا قائىدىلىرىنىڭ تولىسى غەرىپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر مۇھىتتا، غەرىپنىڭ ئالدىغا ئۈتىمىز دىيىش سىستېمىغا جەڭ ئېلان قىلىشتۇر، چۈنكى بۇ سىستېما خاككىر ئىمپىرىيەسىدىكىگە ئوخشاش، رولچۇلارنى چەكلەيدىغان بىر سىستېمىدۇر.
#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #fikir #mantık #çelişkigiderme #قىلئەممابىلىپقىل

ياخشى نىيتىنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ توغرا ئىشنى قىلىۋاتقانلىقىڭىزمۇ ياخشى نىيىتىڭىزنىڭ بارلىقىنى مۇتلەق قىلمايدۇ. بۇ ئىككىسى بىر بىرىنى مۇتلەق كېرەك قىلىدىغان سەۋەپلەر ئەمەس. كۆپ كۆرۈلىدىغان مېتود خاتالىقلىرىدىن بىرسى، نىيىتى ياخشى بىلەن توغرا ئىشنى تەڭلەشتۈرۈشتۇر. ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچەملىرىگە قارىتا ياخشى يامان نىيەت دەپ بېكىتسىڭىز، بۇنىڭ ئەمىليەتتە ھېچ بىر ئەھمىيىتى قالمايدۇ، چۈنكى سىزدىن باشقىسى سىنىڭ ئۆلچىمىڭىزنى بىلمەيدۇ. ‏#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #fikir #mantık #çelişkigiderme

بىر ئادۇكات ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، كەلگۈسىدە ئوقۇغۇچىنىڭ تۇنجى ئۇتۇۋالغان داۋادا كىرگەن كىرىمنى ئادۇكاتقا تاپشۇرۇشى كېرەك دەپ شەرت قوشۇپتۇ. ئوقۇغۇچى كىيىن بۇ شەرتنىڭ ھەقسىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ، كىرىمنى بەرمەيدىغانلىقى جاكارلاپتۇ. ئادۇكات سوتقا ئەرز قىپتۇ.
ئادۇكات: ئەگەر مەن بۇ سوتتا ئۇتۇۋالسام،سوتتا ئۇتۇۋالغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇغۇچى ماڭا پۇل تۆلىشى كېرەك؛ ئەگەر مەن ئۇتتۇرۇپ قويسام،ئوقۇغۇچى تۇنجى داۋادا ئۇتۇۋلغانلىقى ئۈچۈن پۇل تۆلىشى كېرەك دەپتۇ.
ئوقۇغۇچى: ئەگەر مەن بۇ سوتتا ئۇۇۋالسام، سوت ھۆكۈمى بويىچە تۆلىمەسلىك ھەققىم بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويسام، تۇنجى سوتتا ئۇتۇۋالالمىغانلىقىم ئۈچۈن يەنە تۆلىمەسلىككە ھەقلىق بولىمەن دەپتۇ.
قەدىمقى يۇنان پەيلاسوپلىرى مۇشۇ تۈردىكى سەپسەتىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل مەنتىق، لوگىكا قائىدىلىرىنى قۇرۇپ چىققان. كۈنىمىزدىكى بەزى نەزىريەلەر، كۆز قاراشلارنىڭ بۇنىڭدىن پەرقى يوق ئىكەنلىكىنى، ئاۋۋال كۆز قاراشنى تاللىغاندىن كىيىن قۇرئان ھەدىسلاردىن دەلىل ئىزدەپ تېپىلىۋاتقانلىقىنى، ئاندىن ئۆزىنىڭ ھەقتە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ يۈرگەنلىكىنى بايقىماق تەس بوممىسا كېرەك. ئۆرنەك بېرىش توغرا كەلسە، يۈزىنى ئىتىش مەسىلىسىدە ياتلىۋالغان نەزىريىلەر بىلەن پىكرى زۇلۇم قىلىۋاتقان قېرىنداشلار بۇ سەپسەتىلەرنى ياخشى تەپەككۇر قىلىپ بېقىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ‏#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #fikir #mantık #çelişkigiderme

«ھەقىقى ئىسمىڭنى يېزىپ ئاندىن كەل، بوممىسا غىت قىس، ئاتا ئانىسىنىڭ ئەزان ئوقۇپ قويغان ئىسمىدىن نۇمۇس قىلىدىغان، قورقۇنچاق» بۇ تۈردىكى ئىنكاسلارنى كۆپ ئۇچرىتىمەن. بۇ يەردىكى مۇنازىرە تېمىسى ئەگەر ھەقىقى ئىسىم قوللىنىش قوللانماسلىق بولسا ئايرىم مۇنازىرە قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمما مۇنازىرە تېمىسى باشقا بولسا، قارشى تەرەپنى ھەقىقى ئىسمىڭنى قوللانماپسەن دەپ ئەيىپلەش مەنتىق نوقتىسىدىن قارىغاندا ئەجەللىك خاتالىق. ھەقىقى ئىسىمنى يېزىش يازماسلىق كىشىنىڭ تاللىشى، لېكىن بۇ مۇنازىرىدىكى قاراشنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. « ھەقىقى ئىسمىنى يازمىغان ئىككى يۈزلىمىچى» دىگەن سۆزنى خېلى داڭلىق كىشىلەردىنمۇ ئاڭلىدىم. قارشى تەرەپنىڭ ئىككى يۈزلىمىچى بولىشى سىزنىڭ توغرا ئىكەنلىكىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىمۇ ئەمەسمۇ بۇ ئايرىم بىر تېما. قېرىنداشلار بولسا مۇشۇنداق باشلانغۇچ سەۋىيە لوگىكا خاتالىقلىرىنى سادىر قىلىشتىن ساقلانسا. بەلكىم مۇنازىرە سۈپىتى يۇقىرى كۈتۈرۈلۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەھمىيەتسىز ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #fikir #mantık #çelişkigiderme

ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ ئورنىغا باشقىلارنىڭمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلىۋاتقانلىقى دىيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش مېتودى. بۇ لوگىكىدا خاتا بىر مېتود. مەسىلەن تاماكا چىكىدىغان بىرى باشقىسىغا تاماكا چەكمە، تاماكا چىكىش زىيانلىق دەپ نەسىھەت قىلسا مەنتىق جەھەتتىن ھېچ بىر مەسىلە يوق. لېكىن بىز نورمالدا سەنمۇ تاماكا چىكىسەنغۇ، سەن ئالدىدا ئۆزەڭ تاشلا دەپ باشقىلارنىڭ ئوخشاش خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا دەلىل قىلىۋالىمىز. بۇ لوگىكىدا توغرا بوممىغان بىر مېتودتۇر. ئۈنۈم نوقتىسىدىن ئېيتقاندا تاماكا چىكىدىغان ئادەمنىڭ باشقىلارغا تاماكا چەكمە دەپ نەسىھەت قىلىشى، ئۈنىمى تۆۋەن بىر ئىش بولىدۇ. چۈنكى نورمالدا بۇ مەنتىق خاتالىقىنى بەك كۆپ سادىر قىلغانلىقىمىزدىن دەرھال قىلغان نەسىھەتنىڭ ئەمەس، شەخىسكە قاراپ تۇرۇۋالىمىز. ھەم ئۇ نەسىھەتنى يۇشۇرۇن ئېڭىمىزدا رەت قىلىۋېتىمىز. ئۆز ئۆزىمىزدىن سوراپ باقىلى، بۇ خاتالىقنى سادىر قىلدۇقمۇ يوقمۇ؟ ‏#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #kuseni #fikir #mantık #çelişkigiderme

يولنى تاللىغاندا كىلىپ چىقىش ئىھتىماللىقى بولغان ئاقىۋەتلەرنى ئويلاپ تاللاڭ، شۇندىلا كىيىن ھەجەپ ئەلەم بوپ كەتتى، ھەجەم قۇلۇمدىن بىر ئىش كەممىدى دىگەندەك زىددىيەتلەر ئىچىدە قىينىلىپ يۈرمەيسىز.#birdakikatefekkür #uyghurislam#uyghur #tefekkür #uigur #uighur #uyghurs #ئىسلام #ئۇيغۇر #ئۇيغۇرئىسلام #تەپەككۇر #uighurs #uyghurs #uighur #kuseni #fikir #mantık #çelişkigiderme

قايسى دەردىمىزىگە يىغلايمىز ؟ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت تېرورلىقلىرغىمۇ ؟ ئىچىمىزدىكى ئىقتىسادى ۋە ئىجىتمائىي جىنايەتچىلىرىگىمۇ ؟؟؟؟؟ ئەگەر بۇلارنى قۇيۋالغان قۇيمىچى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كىلىپ پاناھلىق تېلىگەن بولسا ئۇ قۇيمىچىنى دەلىل ئىسپاتلىرى ۋە قۇيۇلغان كىشلەرنىڭ گوۋاھلىقلىرى بىلەن مەزكۇر دۆلەتكە ئەرىز قىلىش كېرەك

#ئۇيغۇر #ھەج #ئۆمرە #ئىسلام #مۇسۇلمان #تۈركىستان #تەۋھىد #ئۈرۈمچى #قەشقەر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ، ئىقتىدارلىق شائىر ، خەلىقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئابدۇرەھىم پاراچ قېرىندىشمىز يېقىندىن بېرى تور دۇنياسىدىن يوقاپ كەتتى ، خەۋىرىنى بىلىدىغان قېرىنداشلار مۇمكىن بولساڭلار ئۇچۇرنى بەرسەڭلار .
سىلەرمۇ بىلگىنىڭلاردەك شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيگەن قېرىنداشلار يىللاردىن بېرى ئۇن تىنسىز يوقاپ كەتمەكتە .... ھۆرمەت بىلەن : ئابدۇغېنى سابىت

#پاراچ #ئۇيغۇر #ئىسلام #ئىستانبۇل #تۈركىستان #تۈركىيە

سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ سۆزىدۇر ، ئۈلگىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى پەيغەمبەر ( سەلئاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ) ئەلەيھىسسالامدۇر.
#ئىسلام #ئۇيغۇر #تۈركستان #ئابدۇغېنى_سابىت #ئاللاھ
#flowers

ئى ساباھ شامىلى , سېنىڭ كەبى غەمسىز بولۇپ يىراق يىراقلارغا كېتەلىسەم ، غەمگۇزالارنىڭ دەرت ئەلەملىرىگە تەسەللى ئىللىق تەبەسسۇم بېرەلىسەم نەقەدەر گۈزەل بولۇر ئىدى !
#ئابدۇغېنى_سابىت #heart #sand #sea #green #hill #blue #clouds
#ئىسلام #ئۇيغۇر #ۋەتەن #تۈركىستان

Most Popular Instagram Hashtags