shakilat_ shakilat_

32 posts   94 followers   488 followings

فَالْحَامِلَاتِ وِقْرًا ۛ  ـ🏠ئۈرۈمچى ـ👔We: Shakilat ـ👆نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر 4:59

ـــــــــــــــــــــــ
جىم تۇرۇپ ھەممىنى قورقىتىدۇ شىر،
ئىت تىنماي قاۋايدۇ ـ ھېچكىم قورقمايدۇ.

ــــــــــــــــــــ
ئەڭ ياخشى كىشىلەر ـ قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەنلەردۇر.

ــــــــــــــــ
ئانا، بېشىغا تاج،
دەردىگە دەرمان.
ئالىم بولسا ھەم،
ئانىغا مۇھتاج!

سىز تېخى چارچىمىدىڭىز...ھازىرقى ھالىڭىزغا شۈكرى قىلىڭ...شۇ تاپتا خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىقىدىن پۇتلىرى قاپىرىپ، تېشىلىپ، كۆكۈرۈپ كەتكەن بىچارىلەر ھېلىھەم بار..... ئۇلارمۇ بالىسىغا بىر ۋاق تاماق ئەپ بېرىشنى ئويلايتى، ئىسسىق مۇنچىلارغا چۈشۈپ راھەتلەنگۈسى بار ئىدى، توي قىلغۇسى بار ئىدى...ئەپسۇس...ئۇنىڭ تېخى ئۆزىگە بىرەر جۈپ ئاياغ ئېلىشىشىمۇ پۇلى يوق ئىدى....كۈنلىرى شۇنداق تەسلىكتە ئۆتىۋاتاتتى.....بىراق ئۇ ئۈمىدسىز ئەمەس، ئاجىز ئەمەس، ئۇ سىزگە ئوخشاش پۇل بۇزمايدۇ، ئۇ سىزدەك ئېسىل تاماقلارنى ئاشۇرۇپ ئىسراپخورلۇق قىلمايدۇ...ئۇ ھەر ۋاقت اللە دىن ئۆزىنى باشقىلارغا مۇھتاج بولۇپ قالماسلىقنى تىلەيدۇ....بىزچۇ؟ ئايفۇن پلۇس چىقتى ئالىمىز، قوش ئامەتتە كۈندە توخۇ يەيمىز، يىلدا بىرە ئاي روزا تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، كۈندە بەش ۋاقت ناماز ئوقۇماي چۈشكىچە ئۇخلايمىز. باشقىلار ئۇچتى، بىز ياتىمىز، باشقىلار پۇل تاپتى بىز يۈز تاپىمىز، باشقىلار توغرا يول تاپقىلى نەۋاق، بىز شۇدەم تېڭىرقاپ، غادىيىپ، گاھىدا مەس، گاھىدا ساق پۇلاڭشىپ مېڭىۋاتىمىز. بۇزۇقچىلىققا تولغان جەمئىيەتنىڭ بىزنى بۇزىۋاتقىنىنى ھېس قىلماي خوشال كالپۇك ئۇچلاپ رەسىم يوللاپ ئۈندىداردا ئەر ئىزدەپ، ماشىناڭنى داڭلاپ، دوللارنى رەسىم تارتىپ قىز ئىزدەپ يۈرمەكتىمىز...بولدى قىلايلى، يېتەر...بۇزۇقچىلىققا سەۋەبچى بولغان شۇ رەسىملىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئاتا ـ ئاناڭغا دەپ لايىق ئىزدەپ توي قىلىپ ھارامدىن، زىنادىن چاپسانراق قول ئۈزۈپ ئىمان ئېيتىش...

يىللارغا جاۋابنىڭ بىرىنجى كۇبلىتى

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ ئۇشبۇ شىئېرىنى ياقتۇرىمەن
ئانا تىل بىلگەن كىشىنىڭ ئىززەتىن قىلغۇم كېلۇر،
ئانا تىلنى ئاغزىدىن ئالتۇن بېرىپ ئالغۇم كېلۇر.
بۇ ئانا تىل گەر ئىسە ئامېرىكايۇ ئافرىقىدا،
سەرپ ئېتىپ مىڭلارچە تىللا ئاندا مەن بارغۇم كېلۇر.
ئى ئانا تىل، بىزگە سەن ئۆتكەن ئۇلۇغلەردىن نىشان،
سەن بىلەن رۇيى زەمىندە ئىپتىخار ئەتكۈم كېلۇر!

بۇ رەسىمنىڭ psd نۇسخىسى لازىم بولسا يوللاپ بېرىمەن.

ھەر قانداق ئوغۇل بالا ئايالىنىڭ تاماققا ئۇستا بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھەتتا «تاماق ئېتەلمىسىڭىز مەيلى، ئۆگىنىسىز، سىرىتتا يەيمىز» دېگەنلەرمۇ ۋاقتى سائىتى كەلگەندە كۆڭلىدە ئويلاپ قالىدۇ. نېمە ئويلايدۇ بىلەمسىز؟ «ئايال تۇرۇپ تاماق ئېتەلمەيدىكەن، ئا كىمنىڭ ئايالى بەس ئۇستىكەن..ئىسىت...». ھازىرقى ئانىلارغا نېمە بولدىكىن، قىزلىرىغا ئاددى ساۋاتلاردىن بىرى بولمىش «تاماق ئېتىش» نىمۇ ئۆگەتمەي دۈشمەنلىك قىلىپ قويماقتا....ئەپسۇس....
ئەي ئاياللار، ئاچىلار، سىڭىللار ئەرلىرىڭلارنى چىن يۈرىكىڭلاردىن سۆيسەڭلار ئېرىڭلار ئۈچۈن تاماق ئېتىشنى ئۆگۈنۈڭلار، پىشقان ئايال بولۇڭلار!.....
يازغۇچى: ئېرفان مۇخلىس 2013ـ8ـ2

ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
سۈرە ئىنفىتار 6 ـ ئايەت

ھەممىگە نازلىنىپ يۈرىيدىغان ئاتالمىش دىندار ھىجاپلىق قىز ئىمان دەۋاسىدا راستچىل يىگىتتىن ئەيمىندى، قەلبىگە قورقىنىش چۈشتى... قىز قەلبى قورقۇنىشقا تولدى؟! ئۇ يىگىت ھەمىشە خۇش-تەبەسسۇم ئىدىغۇ!! سەۋەبى شۇ ئىدىكى ئۇ يىگىت نە ئىلىمىنى جار سالمايتى، پەقەتلا يەتكۈزەتتى. دەۋەت ئېلىپ باراتتى. ھەقىقىي بولغاچقا تەقۋالىقى جىسمىدا نامايەن ئىدى... ئويلاندىڭىزمۇ ئەي ئىمان دەۋاسى قىلىدىغان يىگىت سىزدىن ھايا قىلدۇقمۇ بىز؟! ياق مىڭ ئەفسۇس سىزدىن ھايا قىلمىدۇق... چۈنكى سىز بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى نەفسىڭىز بىلەن قوللاپ-قۇۋەتلەپ بەردىڭىز تېخىمۇ تەرەقىي قىلىشىمىزغا يول ئاچتىڭىز!
ئۇنتۇپ قالماڭ قىيامەت كۈنى مەن سىزنى ئىزدەيمەن.چۈنكى سىز بىلەتتىڭىز، ھەر سۆزىڭىزدە ئىمان داۋاسى قىلاتتىڭىز؟!! مەن سىزگە ئاچچىق كۈلىمەن. نامەھرەم سىزگە ئېنىق ئىدى. سىز بىزگە ئۆز ھەركىتىڭىز بىلەن جانلىق ھالدا نامەھرەم ھەققىدە چۈشەنچە بەردىڭىز...نامەھرەم پەقەت جىنىس ئايرىمىسىلا بولۇپ ئېغىز زىناسى، كۆز زىناسى دېگەنلەر بارا-بارا ئۇنتۇلۇپ كەتتى! 'نامەھرەملەر نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن' بۇ ھۆكۈم ئىشلىمەس بولدى بۈگۈن!
قىيامەت كۈن ئىلىمىڭىز زىيىنىڭىزغا سەۋەب بولمىسۇن ئەي ئىلىملىك يىگىت!
شۇ تور دۇنياسىدا ئېقىپ يۈرگەن قىزلارنىڭ رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنىۋاتقان چېغىڭىزدا ئۇنۇتماڭكى نى ھەمشىرلىرىمىز مۇشۇ ئايلاردا مۇدھىش تۈرمىلەردە باشقا مىللەت تەرپىدىن دەپسەندە قىلىنماقتا... گۇناھى ئۆز ئەۋرەتلىرىنى نامەھرەمدىن يىراق قىلغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىلسىڭىز بۇ بىر مىللەت ئەركەكلىرىگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھاقارەت!
ھىجاپ ئارقىلىق گۈزەللىكىنى پاش قىلغان بىچچارىلەر ھالىڭلارغا يەنە بىر قېتىم ۋاي...
ئەي ئىلىملىك تەقۋا يىگىت بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز...
ھەمىشە ئاللاھنى ئەسلەيدىغان، ئاللاھنىڭ كالامى زىكىر قىلىدىغان قەلبىڭىزگە ئاشىق بىز. ئىلىم يولىدا ماڭغان قەدىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن، ئىزىڭىزدىن خۇش پۇراق گۈللەر تۆكۈلسۇن!
يا رەببي ئىلىم يولىدا توختاۋسىز ئىزدىنىۋاتقان شۇ ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل قېرىنداشلىرىمىزغا مەنفەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلغىن، ئىككى دۇنيا ئەزىز قىلغىن.ئىلىم يولىدا چارچىماس قەلىب ئاتا قىلغىن، تەقۋادارلىقنى بىزگە لىباس قىلىپ بەرگىن. مۇسافىرلىق بەدىلىگە ئەڭ كاتتا جەننەت فېردەۋىسنى نىئمەت قىلغىن...ئامىن!
ئەفرا. 1435-يىل 22-رامىزا

مەيلى سىز ھىجابلىنىڭ ياكى ھىجابلانماڭ، ئۆزىڭىزنىڭ رەسىمىنى يوللىسىڭى، ئەرلەر ھوزۇرلىنىدۇ، ئاندىن سىز بىلەن تونۇشقىسى كېلىدۇ ـ دە ھارام ئىشلار (ئاۋازلىق، خەتلىك پاراڭلىشىش، رەسىم ئەۋەتىش، كۆرۈشۈش، خالى جايدا مېڭىش، بىللە تاماق يىيىش) بىرمۇ ـ بىر يۈز بېرىشكە باشلايدۇ، ھايا، ئىپپەت يوقۇلىدۇ، پۇشايمان قىلىسىز، ئاقىۋەتتە قىلغانلىرىڭىز ئۈچۈن تەۋبە قىلىسىز، كېچىكىسىز، ھالبۇكى سىز ئۆزىڭىزنى مۇسۇلمان چاغلايتىڭىز، ناماز ئوقۇيتىڭىز...ئەمما شۇ يوللىغان رەسىملىرىڭىز سىزنى اللەنىڭ رەھمىتىدىن يىراق ـ يىراققا تاشلايدۇ. شۇ چاغدا قولىڭىزغا قۇرئاننى ئېلىپ ئوقۇيسىز: «مۆمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، (نا مەھرەملەرگە) تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى (زىنادىن) ساقلىسۇن، مۇنداق قىلىش ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشىدۇر، ئاللا ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار.» سۈرە نۇر30 ـ ئايەت

ئەجەبا سىز باشقا ناتونۇش، نامەھرەم ئەرلەرنىڭ رەسىمىڭىزنى كۆرۈپ، سىزنى ئوماقكەن، چىرايلىقكەنسىز ـ دېيىشلىرىنى ئاڭلاپ جەننەتكە كىرمەكچىمۇ؟ ياكى شۇلار بىلەن توي قىلماقچىمۇ سىز؟!...ھەقىقىي بەخىتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز اللە توسقان ئىشلارنى قىلماڭ، ئەگەر ياق دېسىڭىز ئۆزىڭىزنى ئوتقا كىرمەسلىككە ئىسپات كۆرسىتىڭ!!!

Most Popular Instagram Hashtags